❞ئىستانبۇل سەلىمپاشادا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.❝

كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا پىلانلانغان 96 تۇرالغۇسى بولغان 6 بىنانىڭ بىر قىسمىنىڭ پۈتۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 28-نويابىر پەيشەنبە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچلىرى تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئىجاز تاھىر، كانادا Sayeda Khadija Centre رەئىسى ۋە ئىمام Dr. Hamid Slimi، كانادا دەرمان ۋەخپى رەئىسى ئابدۇرازاق ھاجىم، كانادا كۆچمەن قىزلار جەمئىيىتى رەئىسى Filiz Özmısır، ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، شەرقى تۈركىستان فېدېراتسىيە سابىق رەئىسى مەخمۇت داموللام، تەكلىماكان نەشرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران، ئوقۇغىن ۋەخپى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى، شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائى تەشكىلارنىڭ رەئىسلىرى، كانادادىن كەلگەن ھەيئەت ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.



ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى، كانادا ياردەم جەمئىيىتى ICNA نىڭ رەئىسى ئىجاز تاھىر ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مەھەللىسى ۋە يېڭىدىن سېلىنغان بىنالار توغرىسىدا توختالدى.

ئېچىلىشتا كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئىجاز تاھىر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سىلەر قەشقەردىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلەر، بىزنىڭ دىنداشلىرىمىز، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بىز سىلەرنى قېرىنداشلىرىمىز دەپ ياخشى كۆرىمىز، چۈنكى بىز بىر ئۈممەتنىڭ ئەزالىرى بولىمىز، مەن شۇ سەۋەبتىن تا كانادادىن بۇ يەرگە سىلەرگە قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم، مەن سىلەرنى ئۆز قېرىندىشىم دەپ قۇچاقلايمەن، ھەم سىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغان ساخاۋەتچىلەرگە بۇ توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ سىلەرگە بۇ خىل ياردەملەرنى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىمەن، بىز ھەممىمىز بىر قېرىنداش، دۇنيانىڭ قەيىرىدە قېرىندىشىمىزدىن بىرەرسى ئازاب چەكسە بىزمۇ تەڭ ئازابلىنىمىز، چۈنكى بىز بىر بەدەنگە ئوخشايمىز، بەدىنىمىزنىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىسا قالغىنىمۇ قىينالغانغا ئوخشاش سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىساڭلار بىزمۇ تەڭ ئازابلىنىمىز، بىز شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئېچىلىشتا ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ھەبىبۇللاھ كۈسەنى مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇر مەھەللىسى تۈرى ئۇيغۇرلارنىڭ نوقۇل بىر شەكلىدە بىر جايغا توپلىشىپ ماكانلىشىشى بولماستىن، ئەسلىنى، يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ جاپالىق كۆرەش ھىكايىسىدۇر. ئۇيغۇر مەھەللىسى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىنلا بىر يەرگە توپلىشىدىغان ماكان بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى، غايىسى ۋە روھى بىر يەرگە جەم بولىدىغان ماكاندۇر. ئۇيغۇر مەھەللىسى بۇ بىنالارلا ئەمەس، بۇ يەردە يەنە بالىلىرىمىزنىڭ ئىلىم بۇلىقى بولغان ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىۋىمىز بار بولۇپ، بۇ بىنالاردىن كەلگەن كىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى دەۋرىگە ماس تەربىيەلەيمىز. ئاخىرىدا بۇ تۈرنىڭ مۇشۇ ھالەتكە كىلشى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولغان كانادا ICNA جەمئىيىتىگە، كانادا Sayeda Khadija Centre ۋە جامى ئىمامىغا ۋە مۇشۇ تۈرنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۈچ قاتقان بارلىق دوستلارغا ۋەخپىمىز نامىدىن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېتىمەن، رەھمەت.»


ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشى پىلاندىكى 6 بىنادىن ھازىرچە ئىككى بىنا پۈتۈپ چىققان بولۇپ، ھەر بىر بىنا 16 تۇرالغۇ ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدا 20 ئۇيغۇر ئائىلىگە ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچلىرى تاپشۇرۇپ بېرىلدى، قالغان 12 ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تەدرىجىي تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىنالار ئالدىمىزدىكى بىر ئىككى ئاي ئىچىدە پۈتىدىغان بولۇپ، بىنالارنىڭ ھەممىسى پۈتسە جەمئىي 96 ئۇيغۇر ئائىلە ئولتۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ.



ئۇيغۇر مەھەللىسىگە يەنە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئىككى دانە تىككۈچىلىك كارخانىسى ۋە رەخت توقۇش زاۋۇتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىشسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا ئىشلەش ئىمكانى ھازىرلانغان.
يېڭى بىنالار كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ يەر چىقىرىشى بىلەن سېلىنغان بولۇپ، بۇ تۇرالغۇلار قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئەرزان باھادا ئىجارىگە بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىسى ئۇيغۇر سودىگەر-ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن 2015-يىلى سېلىمپاشادا ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىنى، مىللىي ۋە ئىلىم-پەن بويىچە تەربىيەلەش ۋە قوللاشنى مەقسەت قىلغان بۇ ياتاقلىق مەكتەپ 9 يىلدىن بۇيان ئوقۇ-ئوقۇتۇش مائارىپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتىغا يېقىن يەردە راھەت قورۇسى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئولتۇراق رايونى قۇرۇلغان بولۇپ ئۇ يەردە ھازىر 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى ئولتۇراقلاشقان.
ھازىر يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدىغان ئائىلىلەرنى قوشقاندا سەلىمپاشادا جەمئىي 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن (ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر نۇپۇسى بولغان) كىچىك بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش