سەلىمپاشا ئۇيغۇر بوستانلىقى تۈرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈن، 2023-يىلى 7-مارت سەيشەنبە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن بولدى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇش تۈرى بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى ۋە تۇنجى قەدەم تاشلاندى.

ئىستانبۇلنىڭ شەھەر مەركىزىدىن 30 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى سېلىم پاشا مەھەللىسىدىكى 80 تۇرالغۇدىن تەركىب تاپقان تۇل ئاياللار ۋە مېيىپلەر ئۈچۈن قۇرۇلماقچى بولغان قۇرۇلۇشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە سېلىم پاشا مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت فوندى جەمئىيىتى ساھىبخانلىق قىلىندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مەشھۇر كىشىلەر، ئالىملار، سېلىم پاشادا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلانغان مۇراسىم شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ قىممەتلىك سۆزلىرى، دۇئا ۋە تىلەكلىرى بىلەن داۋاملاشتى. ئاخىرىدا، بۇ تۈرنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولغان لېنتا كېسىش مۇراسىمى ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ تۈر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇل ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىنى، مىللى ئەنئەنە ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرىشىغا ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

 

جاۋاب يېزىش

Güncel Yorumlar

كۆرسەتكۈدەك ھېچقانداق ئىنكاس يوق.