سەلىمپاشا ئۇيغۇر بوستانلىقى قۇرۇلۇشى ئۇل سېلىش مۇراسىمى

ئۇيغۇر ئىلىم- مەرىپەت ۋەقپى بىلەن كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتى ھەمكارلىقىدا ئىستانبۇلنىڭ سېلىمپاشا رايونىغا سېلىنىدىغان ئۇيغۇر بوستانلىقى تۈرىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى رايونى سېلىمپاشا مەھەللىسىدە 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن، ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇش مەقسىتىدە سېلىنىدىغان تۇرالغۇ ئۆي تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپى ئۇيۇشتۇرغان مۇراسىمغا، كانادانىڭ خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى ICNA ياردەم جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى، تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە سىلىۋىرىدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە يۈزلەرچە كىشى ئىشتىراك قىلدى

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەت ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ تەبرىك سۆزى ۋە ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شېئىر ۋە باشقا ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرىلىرى بىلەن داۋاملاشتى. ئاندىن، نۇرەتتىن يىلدىز ئۇستاز ۋە باشقا دىنىي ئۆلىمالار دۇئا قىلدى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە نەتىجىلىك پۈتۈشى ئۈچۈن تىلەكلەر تىلىدى

ئىگەللىنىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپىنىڭ مەسئۇللىقىدا سېلىمپاشا مەھەللىسىدە سېلىنىدىغان بۇ تۈردە، جەمئىي 96 تۇرالغۇسى بولغان 6 بىنا سېلىنىش پىلانلانغان كانادا ICNA ياردەم جەمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپىنىڭ يېرىگە سېلىنىدىغان بۇ تۇرالغۇلار قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئەرزان ئىجارىگە بېرىلىدىكەن ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن 2015-يىلى سېلىمپاشادا ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى ۋە مەكتىپىنى قۇردى. ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىنىي ۋە ئىلىم-پەن پەنلىرى بويىچە تەربىيىلەش ۋە قوللاشنى مەقسەت قىلغان بۇ ياتاقلىق مەكتەپ 8 يىلدىن بۇيان مائارىپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە بالىلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، ئانا تىلى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ماس ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى نەچچە يىل ئىلگىرى سېلىمپاشادىكى ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتىغا يېقىن يەردە راھەت قورۇسى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئولتۇراق رايۇنى قۇرغان ۋە شۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ رايوندا فابرىكا قۇردى

جاۋاب يېزىش

Güncel Yorumlar

كۆرسەتكۈدەك ھېچقانداق ئىنكاس يوق.