سەلىمپاشا ئۇيغۇر مەھەللىسى ئۆيلىرىگە تىزىملاش باشلىدى!

تىزىملاش توردىن بولىدىغان بولۇپ، ئاستىدىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ، ماتىرىيال توشقۇزسىڭىز بولىدۇ.
تۈر ھەققىدە: بۇ تۈر ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەقفى بىلەن كانادادىكى خەيىر- ساخاۋەت ئورنى ICNA Relief Canada ھەمكارلىقىدا روياپقا چىققان، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرلارغا ئائىت،كۆلىمى چوڭ،ئۆلچەملىك يۈرۈشلەشكەن، تۇرالغۇ ۋە ئىش ئورنى بىر گەۋدە قىلىنغان ئەرزان ئىجارىلىق ئولتۇراق رايونى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز – ئۆزىگە تايىنىش ۋە ھەرجەھەتتىن كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك مۇھىم بىر تۈردۇر . ئۇيغۇر مەھەللىسى تۈرى ئۈچۈن سىلىنغان ئۆيلەر ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەقىفنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنICNA Relief Canada ،ئۇزۇن مەزگىللىك ئىدارە ۋە نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.
تۈر مەقسىتى: تۇل ئايال، يېتىم بالىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە كۈچلەندۈرۈشنى مەركەز قىلغان بۇ تۈرىمىزنىڭ مەقسىتى «بىلىق بىرىشنى ئەمەس، بىلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش» ئاساسىدا، يېتىم بالىلار ۋە ئېھتىياجلىق ئائىللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەلگۈسىدە ئۆز كۈچىگە تاينىپ پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان شارائىت يارىتىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىن،كىملىك ۋە مەدەنىيتىنى قوغدايدىغان ئاساسىي مەركەزگە ئايلاندۇرۇش، قىرىنداشلىقنى كۈچەيتىپ، بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش چقىرالايدىغان ئىناق – ئىتتپاق، كۈچلۈك ، دىيانەتلىك، قابىليەتلىك ، ئۈلگىلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا قىلىش. دىن ۋە پەن بىلەن قوراللانغان قوش يۆنىلىشلىك مائارىپ بويىچە تەربىلەنگەن، ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق، مىللەتپەرۋەر، ئىلىمسۆيەر،ئەتراپىلىق يىتىشكەن دەۋرىگە ماس، ئاۋانگارت يېڭى نەسىل ئەۋلادلار يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغاندۇر.
ئىلتىماس قىلىش شەرتى
● ھالقىلىق ياردەم ئوبىكتى:
● ئايال باشچىلىقىدىكى ئائىلىلەر؛
● ئىھتىياج ساھىبى ئائىللىلەر
● سالاھىيىتى: ئىقامەت ياكى كىملىك بولۇشى كىرەك.
● كېپىل: ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۆي ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز 2 كىشىنىڭ كېپىل بولىشى كېرەك.
ئىلتىماس قىلىش جەريانى ئىلتىماس قىلىش باسقۇچى: ئۆي ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى ۋەقىف تور بىتى ۋە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئىرىشەلەيدۇ. (https://forms.gle/qBMgcy6oEdgRous68)
كېرەكلىك ماتېرياللار: 1. ئۆلچەملىك رەسىم 2. كىملىك ياكى ئىقامەت 3. Adli Sicil بەلگىسى 4. ئۇنۋان، دىپلوما ياكى خىزمەت تەجىرىبىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان كىنىشكىلەر ( مەجبۇرى ئەمەس).
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى: 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە.
ئەسكەرتىش: ● شەرتكە ئۇيغۇن بولغان يالغۇز ئايال ياكى ئەرلەر 3-4 كىشى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
دىنىي ۋە مىللىي بۇرچ روھى كۈچلۈك، ئۇيغۇرلارغا ئەمەلى خىزمەت قىلىپ بىرەلەيدىغان،
● ئالدىن تىزىملاتقانلار،
● ئوقۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولغانلار،
● خىزمەت تەجىرىبىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
ئالاقە: 00 76 878 0538
uimv.ib@gmail.com

جاۋاب يېزىش

Güncel Yorumlar

كۆرسەتكۈدەك ھېچقانداق ئىنكاس يوق.