بۈگۈن ۋەخپىمىزدە پۈتۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان سەلىمپاشا ئۇيغۇر مەھەللىسى ئولتۇراق ئۆيلىرى كىملەرگە ئىجارىگە بېرىلىدۇ دېگەن تېمىدا مەسلىھەت يىغىنى ئىچىلدى.

بۈگۈن 2024-يىلى 12-سىنتەبىر (پەيشەنبە) كۈنى، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىمىزدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىپ پۈتۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەخپى ھەمكارلىقىدا سېلىنىۋاتقان، سەلىمپاشا ئۇيغۇر مەھەللىسى ئولتۇراق ئۆيلىرى كىملەرگە ئىجارىگە بېرىلىدۇ دېگەن تېمىدا مەسلىھەت يىغىنى ئىچىلدى.
يىغىنغا ۋەخپىمىز باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە مەسلىھەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتىگە سۇنۇلىدىغان دوكىلاتنىڭ سىناق نۇسخىسى پىلانلاندى ۋە مەسلىھەت قىلىندى.
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەر كۆلىمى 6000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ زېمىننى ۋەخپىمىز سېتىپ ئالىدىغان، قۇرۇلۇش چىقىمىنى كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ كىلىشكەن، قۇرۇلۇش ھازىر ئاخىرقى باسقۇچتا، ئۇيغۇر مەھەللە ئولتۇراق ئۆيلىرىنى قانداق باشقۇرۇش ۋە قايسى شەكىلدە ئىشلىتىش ئىشىلىرىنى ۋەخپىمىز ۋە كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتى ئورتاق بىر قارار بىلەن بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، بۈگۈنكى بۇ مەسلىھەت يىغىنىمىز ئېچىلىپ، بۇ ئۆيلەر كىملەرگە بېرىلىدۇ دېگەندەك سۇنۇلىدىغان دوكىلاتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بىرلىككە كېلىنگەن پىكىر ۋە قارارلار بويىچە تەييارلاندى.
ۋەخپىمىزنىڭ دوكىلاتى سۇنۇلغاندىن كېيىن، كانادا ICNA ياردەم جەمئىيىتىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ئاساسىدا ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئىشلىتىش قارارى ماقۇللىنىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلۇشى پۈتكەن ئۆيلەر قارار بويىچە ئىشلىتىشكە باشلىنىپ، قىلىنغان كىرىم بىلەن ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى ئوقۇتۇش ئىشلىرى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ ۋە مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتى جانلاندۇرۇلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

Güncel Yorumlar

كۆرسەتكۈدەك ھېچقانداق ئىنكاس يوق.