ئىسانبۇل سەلىمپاشادا

ئۇيغۇر مەھەللىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇل سەلىمپاشادا «ئۇيغۇر مەھەللىسى» قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تىزىملاش توردىن بولىدىغان بولۇپ، ئاستىدىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ، ماتىرىيال توشقۇزسىڭىز بولىدۇ.

سەلىمپاشا ئۇيغۇر مەھەللىسى ئۆيلىرىگە تىزىملاش باشلىدى!

ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەقفى بىلەن كانادادىكى خەيىر- ساخاۋەت ئورگىنى ICNA Relief Canada ھەمكارلىقىدا روياپقا چىققان، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ، 1+2 قۇرۇلمىسدىكى ئۆلچەملىك 64 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىق ئولتۇراق رايونىغا دەسلەپكى قەدەمدە تىزىملاش باشلاندى.

ئىستانبۇل سەلىمپاشادا

ئۇيغۇر مەھەللىسى تۈرى ھەققىدە

پائالىيەتلەر

نىشانىمىز

مەرىپەت خىزمىتى

دىننىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇتۇش ئاساس قىلىنغان قوش يۆنىلىشلىك، سىستېمىلىق تولۇقلىما مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپ. بۇ مەكتەپتە پەرزەنتلىرىمىز كۈندۈزى تۈركىيە دۆلەت مائارىپىدا ئوقۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، باشقا ۋاقىتلاردا ياخشى مەكتەپ ۋە ياتاق مۇھىتىدا مېھىر-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش ئىچىدە ئەتراپلىق، ئىلمىي تەربىيىلىنىدۇ.

داۋامى

ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىگە خۇش كەلدىڭىز

ۋەخپىمىز سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ

داۋامى

پارلاق كىلەچەككە تەلپۈنگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ ۋە ئاقارتىش خىزمىتىنى قوللاشنى خالامسىز؟.

تونۇشتۇرۇش

ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى

ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋىرى رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپىسىگە قاراشلىق ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى، 2015-2016 ئوقۇش يىلىدا خىزمەتكە باشلىغان بولۇپ، قۇرغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردە نۇرغۇن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. مەكتىپىمىز، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا تولۇقلما مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەكتىپىمىز 4835 كۋادرات مېتىر يەرگە سېلىنغان، ئىككى ئايرىم 4 قەۋەتلىك بىنادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدىغان مۇتەخەسسىس ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا خىزمەت قىلىدۇ. مەكتىپىمىز توغرا دىنىي، مىللىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت قارىشى بولغان، بىلىمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ساغلام تەپەككۇر قىلالايدىغان، تالانتلىق، ئاكتىپ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئادىتى بار ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەيدىغان ئورۇنغا ئايلىنىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىماقتا.

داۋامى

ئاخباراتلاردا بىز.